باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كورلا شەھىرىدە 45 –قېتىملىق دۇنيا «يەر شارى» كۈنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى(1)

2014.04.22 19:50   مەنبە: خەلق تورى

كورلا شەھىرىدە 45 –قېتىملىق دۇنيا «يەر شارى» كۈنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى: بۇ يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 45–قېتىملىق دۇنيا «يەر شارى» كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق دۆلەت زېمىن-بايلىق ئىدارىسىدىكى خادىملار 4-ئاينىڭ 20-كۈنى كورلا خەلق مەيدانىدا «يەر شارى بايلىقىنى قەدىرلەپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتەيلى» تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق دۆلەت زېمىن-بايلىق ئىدارىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يەر شارىنى قوغداش ۋە ئۇنى ئاسراش ھەر بىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى، شۇڭا ھەر ۋاقىت، ھەر زامان يەر شارىنى قەدىرلەپ، گۈزەل بايىنغولىن بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، تىنچ-ئامان ماكان بەرپا قىلىپ چىقايلى. پائالىيەت داۋامىدا، 1000 دىن ئارتۇق ئامما «يەر شارى بايلىقىنى قەدىرلەپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتەيلى» توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىمزاسىنى قويدى ۋە بۇ توغرىلىق قەسەم بەردى، ھەمدە 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتىكى تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىلدى. بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يەر شارىنى ئاسراش، قوغداش ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى)

  سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز