باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە زۇڭتۇڭى «سېۋول» ناملىق پاراخوت ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىنى قەتئىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2014.04.22 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى نەپەر جۇڭگولۇقنىڭ قازا قىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. كورېيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز ۋەن يۈ خەۋىرى: 21-ئاپرىل، كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۇنھىي باش كاتىپلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «سېۋول» ناملىق پاراخوتنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش سەۋەبىنى تېز ۋە قەتئىي تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ ئەمىلىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. پاك گۇنھىي مۇنداق دەپ قارىدى: ۋەقە يۈز بەرگەندە، پاراخوت باشلىقى ۋە پاراخوت خىزمەتچىلىرى يولۇچىلارنى قۇتقۇزماقتا يوق، ئۆزى ئاۋۋال قېچىپ چىقىش قىلمىشىنى قەتئىي كەچۈرۈشكە بولمايدۇ، مەيلى قانۇن نۇقتىسىدىن ياكى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن، بۇ قىلمىش قەتئىي ئەقىلگە سىغمايدۇ.

  21-چېسلا سائەت 23كە قەدەر، ۋەقەدە قازا قىلغانلار 87گە يەتتى، يەنە 215 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. كورېيە تەرەپ ھادىسىگە ئۇچرىغان پاراخوتتىن ئۈچ نەپەر چەت ئەللىكنىڭ جەسىتى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىرىمىزنىڭ 21-چېسلا جۇڭگونىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نەق مەيداندىن تونۇپ بېرىشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپەر چەت ئەللىك جۇڭگو پۇقراسى ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر