باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى دېھقانلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشتى

2014.04.22 09:34   مەنبە: خەلق تورى

كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى دېھقانلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز رھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك بوستان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى لايىھەلەپ ياساپ چىققان يەر ھەيدەش، رەتلەش، ئۇرۇق سېلىش، يەر يۈزىنى چىڭداش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىر قېتىمدىلا تاماملايدىغان، تۈزلەڭلىك ۋە مېۋىلىك باغلاردىكى كۆچەتلەر ئارىسىدىمۇ مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى كۇچا ناھىيەسى ۋە قوشنا ناھىيەلەردىكى دېھقانلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشچە، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى بازارغا سېلىنغان بەش يىلدىن بۇيان مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئىش ئۈنۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسالىقى ۋە دۆلەتنىڭ تۇلۇقلىما بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە 5500دانىدىن ئارتۇقى سېتىپ چىقىرىلىپ، بوستان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىش بىلەن بىرگە دېھقانلارنىڭ ئەمگەك سىجىلىقىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

  سۈرەتتە: 20- ئاپرېل كۇچا ناھىيەلىك بوستان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىكى خادىملار كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز