باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ ھەپتە ئىچىدە، سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 545 ى ئاشكارىلاندى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدە يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار 90 پىرسەنتنى ئىگىلىدى

2014.04.22 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 21-چېسلادىكى خەۋىرىدە 14-چېسلادىن 18-چېسلاغىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 142 تىپىك دېلونى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلدى، دېيىلدى. بۇنىڭ مەزكۇر تور بېكەت ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلغان تىپىك دېلولارنىڭ سانى 545كە يەتتى.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئېلان قىلىنغان دېلولار ئىچىدە، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسى ئاساسىي ئورۇندا بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدە يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار 90 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. بۇ ئۈچ ھەپتىدىلا ئەمەس، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە 18-چېسلا ئېلان قىلىنغان «2014-يىل 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»دىن قارىغاندىمۇ، سەككىز بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، جەمئىي 42 مىڭ 666 ئادەم ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار 40 مىڭ 405 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %94.7نى ئىگىلەيدۇ. (جياڭ لىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر