باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى مەلىكىسى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى(1)

2014.04.22 16:11   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ بۇرۇنقى سۈرىتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ بۇرۇنقى سۈرىتى.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 20-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھنىڭ چوڭ قىزى شاھ يېقىندا ئوغرىلۇقچە ئامېرىكىنىڭ «نىيۇيورك پوچتا گېزىتى» دىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 13 قامالغانلىقىنى، ئۆزى بىلەن قامالغانلاردىن يەنە باشقا ئۈچ سىڭلىسى گۇۋاخې (Guwa He)، ساھارا (Sahara) ۋە ماھا (Maha) قاتارلىقلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

  شاھ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بىزنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈزۈپ تاشلاندى، بىز پۈتۈنلەي قاماق ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز، بىز ناھايىتى يالغۇزسىرايمىز. بىز تۇتقۇن قىلىندۇق، ھېچقانداق بىر كىشى بىزنى يوقلاپ كەلسە بولمايدۇ، بىزمۇ ھېچقانداق بىر كىشىنى يوقلاپ بارالمايمىز. بىزنىڭ دادىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى دەل بۇ پاجىئەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلىرى.» ئىگىلىنىشىچە، مەلىكىلەر كۈن نۇرىنى كۆرەلمەيدىغان بىر جايغا قاماپ قويۇلغان بولۇپ، ئاتا بىر ئانا باشقا بولغان قېرىنداشلىرىمۇ ئۇلارنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ جازالايدىكەن، ئۇلار ھەتتا سۇ ۋە يېمەكلىك جەھەتتىنمۇ قىسىلغان.

  شاھ يەنە مۇنداق دېدى: دادام مەن ۋە باشقا ئۈچ سىڭلىمنى جازالىدى، بۇنىڭ سەۋەبى بىز سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرىنىڭ ئادىل ۋە باراۋەر بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈستىدە سۆز قىلغان ئىدۇق. سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى چوقۇم بېشىدىن تارتىپ پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە ئورۇنۇپ يۈرۈشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلىنىدۇ، مەيلى قانداقلا ئىش قىلمىسۇن چوقۇم ئەر ھامىيسى، يەنى يولدىشى ۋە ياكى دادىسىنىڭ ھەمراھلىقى ئاستىدا قىلىشى كېرەك.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز