باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق ئىككى ئىنژېنېر سۇداندا تۇتقۇن قىلىندى

2014.04.22 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارى 20-ئاپرېل مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق ئىككى ئىنژېنېر 18-ئاپرېل سۇداننىڭ سىكىرتور شتاتىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قۇراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكى بولمىدى.

  بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق بەش ئەلچىخانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى ھەمدە سۇداننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سۇدان تەرەپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  سىكىرتور شتاتى سۇداننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئۇزاق ۋاقىت داۋالغۇش بولىۋاتقان دارفۇر رايونى بىلەن قوشنا، 2003-يىلى دارفور رايونىدا قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، دارفۇر بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا بىر قىسىم رايونلاردا كۆپ قېتىم چەتئەللىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر