ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۇلۇقلىمىسىنى دېھقانلارنىڭ قۇلىغا ۋاقتىدا تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاۋام پۇقرالارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ياخشى سىياسەتلىرىدىن مەنپەئەتكە ئىگە قىلدى.
سۈرەتتە: 22- ئاپرېل ئالقاغۇ بازىرىنىڭ ئويتوغراق كەنتدىكى خادىملار 4- ئايلىق تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىنى تارقاتماقتا.