ياپونىيە TBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 22-ئاپرېدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە «كۆپچىلىك بىرلىكتە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش پارلامېنت يىغىنى» نىڭ 146 نەپەر ئەزاسى 22-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغان. بۇ ئەزالار ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلىرىدىكى ئاۋام پالاتا ۋە ئالىي پالاتادىكى ئەزالاردىن تەشكىل تاپقان.
مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ يازلىق تاۋاپ مەزگىلى بولۇپ ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ 21-ئاپرېل ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى نەزىرلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىگەن. ياپونىيەنىڭ خوجىلىق ۋەزىرى شىندو يوشىتاكا 12-ئاپرېل ۋە 22-ئاپرېل ئىككى قېتىم ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە دۆلەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى، تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىگە مەسئۇل ۋەزىر فۇرۇيا كېيجىمۇ 20-ئاپرېل ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغان.
23-ئاپرېلدىن باشلاپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ، ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ۋەزىرلەر: بۇ ئوبامانىڭ زىيارىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دېگەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ يازلىق تاۋاپ مەزگىلى بولۇپ ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ 21-ئاپرېل ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى نەزىرلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىگەن. ياپونىيەنىڭ خوجىلىق ۋەزىرى شىندو يوشىتاكا 12-ئاپرېل ۋە 22-ئاپرېل ئىككى قېتىم ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغان.