باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى توققۇز جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە ئۈنۈم ھاسىل بولدى

2014.04.24 11:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەز ھۆججەت ۋە يىغىنلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى، تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ يامراپ كېتىشى قاتارلىق 9 جەھەتتىكى مەسىلىنى مەخسۇس تۈزىگەندىن بۇيان، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.

  2014 -يىلىنىڭ باشلىرىدا، مەركەز ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھۆججەت ۋە يىغىنلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى، تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ يامراپ كېتىشى؛ مەمۇرىي جەھەتتىن تەستىقلاش ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى؛«كىرىش شەرتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، رەھبەر بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ تەس بولۇشى، ئىشنى بېجىرىشنىڭ تەس بولۇشى»؛ مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش؛ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا سوۋغا تەقدىم قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قىلىش؛ ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ سەپلەش، ئىشخانىنى چوڭ قىلىۋېلىش، يېڭىدىن بىنا، سارايلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ سېلىش؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشتاتى ئېشىپ كېتىش ۋە ئىش ئورنىدىن ئاشۇرۇپ سەپلەش؛ «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل» خىراجىتى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش؛ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى قاتارلىق توققۇز جەھەتتىكى مەسىلىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تۈزىتىش كېرەك.

  نۆۋەتتە، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئايرىم ئايرىم نۇقتىلىق تۈزىتىش تۈرلىرىنى بېكىتتى: لياۋنىن، جياڭسۇ، شەندۇڭ، شىزاڭ قاتارلىق 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بوشاڭلىق قىلىش، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرماسلىق، قالايمىقان جارى قىلدۇرۇشنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ سەنشى قاتارلىق 7 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر «يەپ ئېچىش قىسىش، ئېلىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ تيەنجىن، خۇبېي، سىچۈەندىن ئىبارەت 3 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئۆز ئالدىغا «شەخسى ھىساۋات ئېچىش»، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما تارقىتىشنى مەخسۇس ئېنىقلاپ تۈزىتىدۇ؛ بېيجىڭ، جېجياڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر «ئارامخانىلاردىكى ناتوغرا ئىستىللارنى» مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ خۇنەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 8 ئۆلكە توي تۆكۈن نەزىر چىراغ قاتارلىق ئىشلاردىن پايدىلىنىپ«قىزىل بولاق» يىغىشنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، گۈيجۇ قاتارلىق 9 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر نورمىدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت ماشىنىسى سەپلەش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىش، ھەربىي ۋە ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ شاڭخەي، چىڭخەي قاتارلىق 9 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىشخانىلارنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سېلىش، كۆپ ئىگىلىۋېلىش ۋە ھەشەمەتلىك قىلىپ بېزەش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ خېبېي، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر«ئىشلىمەي تۇرۇپ مائاش ئېلىش»، ئىشتاتى بار لېكىن ئىش ئورنىدا يوق بولۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ خېنەن قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قالايمىقان ھەق يىغىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ خېيلۇڭجياڭ، جياڭشى، خەينەن، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئاممىنىڭ پۇلىنى كەينىگە سۆرەپ بەرمەسلىك، ئاممىنىڭ مال مۈلكىنى قىسىپ ئېلىپ قېلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ ئەنخۇي، فۇجيەن، شەنشى قاتارلىق 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئەرزىيەتتىكى يىغىلىپ قالغان دېلولالارنى ھەل قىلىشنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ؛ يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق 9 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار 1-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى شەھەر، ناھىيەلەرگىچە كېڭەيتتى، 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى ئالاقىلەشتۈرۈپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر