باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسلىدە ئېلىمىزنىڭ قاتناش تىرانسپورتى ئىقتىسادى ھەرىكىتى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى

2014.04.25 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسپورت مىنستىرلىقى 23-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-پەسلىدە ئېلىمىزنىڭ قاتناش تىرانسپورتى ئىقتىسادى ھەرىكىتى مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرۇپ، ئاساسەن ياخشى بولغان. يولۇچىلار تىرانسپورت كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتى ئاستا مۇقىم بولغان، ئەمما ئالى قاتناش قۇراللىرىدا سەپەرگە چېقىشنىڭ ئېشىشى تېز بولغان. مال تىرانسپورت ئېھتىياجى ئومۇمىي جەھەتتىن سەل ئاجىز بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىشى تۆۋەنلىگەن، ئەمما تېز يوللانما داۋاملىق تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.

  قاتناش تىرانسپورت مىنستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تۆمۈر يول تاشيوللارغا سالغان مەبلىغى كۆپەيدى، مەبلەغ قۇرۇلمىسىدا داۋاملىق سەرخىللىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە. 1-پەسلىدە تۆمۈر يول، تاشيول سۇ يولىدا مۇقىم مۈلۈككە 278مىليارد 300مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %11.4ئاشقان.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: دۆلەت بۇ يىل داۋاملىق ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مالىيە قىزىل رەقىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىدۇ ھەمدە ئوتتۇرا غەربى رايونلارنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، قاتناش مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر