باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن 240مىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل تارقاتتى

2014.04.25 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەرز پۇل تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنى كۈچەپ قوللىدى. توقسۇ ناھىيەسىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، يېزا ئامانەت ـ قەرز ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قەرز پۇل تارقىتىش ھالقىلىرى ۋە تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش، قەرز پۇللارنى ئۇدۇللۇق تەستىقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، سۇلياۋ يوپۇق ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرى سېتىۋېلىشقا شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ جەرياندا ئۇلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا 240 مىليون 950 مىڭ يۈەن قەرز تارقاتتى، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن 64 مىليون يۈەن ئارتۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر