باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسلىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بەش تىرىليون 600مىليارد يۈەن بولدى

2014.04.25 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 23-ئاپرېل مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2014-يىلى 1-پەسلىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بەش تىرىليون 600مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6ئاشتى. ئىشقا ئاشۇرغان ساپ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 310مىليارد 700مىليون يۈەنگە يەتتى.

  1-پەسلىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كۆرسەتكۈچى گەرچە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. ئۆتكەن يىلى مەركەز كارخانىسىنىڭ ئىقتىسادى «دەسلەپتە يۇقىرى ، كېيىن تۆۋەن دەرىجىدە» ئايلانغان، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەيلى تىجارەت كىرىمى ياكى ئىشقا ئاشۇرغان پايدىسى بولسۇن بىر قەدەر تېز ئاشقان، كېيىنكى يېرىم يىلدا تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن، شۇڭلاشقا بۇ يىل 1-پەسلىدە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىردىن بۇيانقى يۈزلىنىش داۋاملاشقان. كەسىپ بويىچە قارىغاندا، پايدا ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان مەركەز كارخانىسى ئاساسلىقى ئېلېكتىر، نېفىت خىمىيە قاتارلىقلار، پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا تۆۋەنلىشى بىر قەدەر چوڭ كەسىپلەر بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، كۆمۈر قاتارلىقلاركەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر