باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ناچار ھاۋارايى تەسىرىدە، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان 200 دىن ئارتۇق يولۇچى بېكەتتە تۇرۇپ قالدى

2014.04.25 09:22   مەنبە: خەلق تورى

ناچار ھاۋارايى تەسىرىدە، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان 200 دىن ئارتۇق يولۇچى بېكەتتە تۇرۇپ قالدى

  مۇخبىرنىڭ 23-ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ، تۇرپان قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى ئۈرۈمچى–تۇرپان لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇز چاقىرىملىق شامال ئېغىزىدا 12 بال بوران چىقىپ ، ئۈرۈمچى ئۇلانباي قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى يوللار مۇز تۇتۇپ ، قاتناشقا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكتىن ، جەنۇبىي قارلىغاچلىق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن تۇرپان ھەق ئېلىش ئورنىغىچە ، توقسۇندىن پارچەساقال ھەق ئېلىش ئورنىغىچە بولغان قوش لىنىيەدىكى يوللاردا قاتناش ۋاقتىنچە توختىتىلغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسى ، تۇرپان-كۇيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ، ئۈرۈمچى-سانجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ، S114 لىنىيەسى ، قىبلىتاغ 2-مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىق يوللاردا قاتناش نورمال بولغان .

  ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ، تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى جەنۇبىي لىنىيەسىنىڭ قوش يۆنىلىشىدە قاتناشقا چەك قويۇلغان ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىدە شەرقىي شىنجاڭ ، جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلار تۇرۇپ قالغان . جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ باشلىقى ۋېي لۇڭنىڭ ئېيتىشىچە ، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسەن ، 23-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شەرقىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ بېلىتى سېتىلمىغان ، ئالدىن سېتىلغان بېلەتلەرنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنغان ، 100 ئاپتوبۇسنىڭ قاتنىشى تەسىرگە ئۇچراپ ، بېكەتتە 200 دىن ئارتۇق يولۇچى تۇرۇپ قالغان .

  ئايرودۇرۇم قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بوراننىڭ تەسىرىدە ، ئالتاي ، كورلا ، ئاقسۇ قاتارلىق ئايرودۇرۇملاردا 10 نەچچە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىكى كۆپ قىسىم ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز