باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند ئاساسىي قانۇن سوتى يىڭلۇكتىن گۇۋاھلىق سۆزىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2014.04.25 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاند ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 23-ئاپرېل قارانچۇق باش مىنىستىرى يىڭلۇك شىناۋاترانىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇۋاھلىق سۆزىنى تاپشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتىنى 2-مايغا ئۇزارتىشقا قوشۇلدى. ھۆكۈم نەتىجىسى يىڭلۇكنىڭ داۋاملىق قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىقىنى ئۆتەش ياكى ئۆتىمەسلىكىنى بىۋاسىتە قارار قىلىدىغان بولغانلىقتىن، بۇ دېلو تايلاندتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىڭلۇكنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىلتىماسىغا قوشۇلىمىز، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق سۆزى ۋە ئىسپاتلارنى تەييارلاشقا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇۋاھلىق سۆزىنى تاپشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتىنى 2-مايغا ئۇزارتىپ بەردۇق.

  تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يىڭلۇك 22-ئاپرېل ناۋادا خەلق مېنىڭ ئىستىپا بېرىشىمنى رەت قىلسا شۇنداقلا بۇ تايلاند ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىنىشىغا پايدىلىق بولسا مەن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىشكە تەييار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر