باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق قىمارخانا ئاچقانلارنى قاتتىق جازالىدى

2014.04.25 09:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ، 22 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. قىمار ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ قىمارخانا ئېچىش جىنايى ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، ج خ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇشۇ تۈردىكى دېلولارنى بېجىرىشتە دۇچ كەلگەن تەتبىقلىنىدىغان قانۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە ‹‹قىمار ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ قىمارخانا ئېچىش دېلولىرىنى بېجىرىشتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا پىكىر››نى ئېلان قىلىپ، قىمار ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ قىمارخانا ئېچىش دېلولىرىغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق بەلگىلەپ، ھەر دەرىجىلىك ج خ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇشۇ تۈردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىشىنى تەلەپ قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزىلەر قىمار ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ قىمار ئويناشقا ئۇيۇشتۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭغا ئۈگىنىۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتتى. بۇ قېتىم چىقىرىلغان ‹‹پىكىر››دە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، قىمار ماشىنىسى جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە يولۇققان تەتبىقلانغان قانۇن مەسىلىلىرى يەكۈنلىنىپ، قىمار ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ قىمار ئويناشقا ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش، قىمار ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ قىمارخانا ئېچىشقا جىنايەت بېكىتىپ جازالاش ئۆلچىمى، قىمار ماشىنىسى ياساش ۋە سېتىشقا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمى، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتەك جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئىگىلەش، شۇنداقلا ئورتاق جىنايەت، قىمار دەسمايىسى، قىمار ماشىنىسىنى بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  ‹‹پىكر››دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوندىن ئارتۇق قىمار ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىمار ئويناشقا ئۇيۇشتۇرۇش ياكى ئىككىدىن ئارتۇق قىمار ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تۇتۇپ قېلىش؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىدا ئىككىدىن ئارتۇق قىمار ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ قىمارخانا ئېچىش قاتارلىقلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتىگە ئاساسەن جىنايەت بېكىتىپ جازالىنىدۇ. باشقىلارنىڭ قىمار ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ قىمارخانا ئاچقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، قىمار ماشىنىسى، قىمار دەسمايىسى، سورۇن، تېخنىكىلىق ياردەم، ھېسابات قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ قىمارخانا ئاچقانلارنى خېرىدار مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، شېرىنكانە، رەسمىيەت ھەققى ئېلىش ۋە ياكى قىمارخانىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ھەم كۆپ سوممىلىق مۇقىم ئىش ھەققى ئېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر قىمارخانا ئېچىش ئورتاق جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر