باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

2014.04.24 10:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم جەمئىيەت مەبلىغىنى قاتناشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈرلەر قارار قىلىنىپ، بازاردا ئادىل رىقابەتلىشىپ بازارنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا: مەبلەغ سېلىشنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مەركەز تارماقلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەرىكىتىنى ياخشىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، مەملىكەت بويىچە تورلاشقان تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ياخشى ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ۋاقىت بەلگىلەپ بېجىرىش؛ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئالدىنقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ۋاستىچىلەر مۇلازىمىتىنى قىسقارتىپ، بىرلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش چارىلىرى، چەتئەلنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىش چارىلىرىنى تېزدىن ئېلان قىلىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكىلاتتىكى» ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، تۆمۈر يول، پورت ئېغىزلىرى قاتارلىق قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى، زور سۇ ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تۇنجى تۈركۈمدىكى پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شەكىلدە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق 80 ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى كۆرسىتىلىپ، جەمئىيەتتە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ، جەمئىيەت مەبلىغىنى مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش، مۇستەقىل مەبلەغ سېلىش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قاتارلىق ئۇسۇللاردا قۇرۇلۇش ۋە تىجارەتكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە جەلپ قىلىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-،3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئىككىسىنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتىنى يارىتىپ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىش جەريانى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر