باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنى يېپىلدى

2014.04.25 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنى 24-ئاپرېل بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا يېپىلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى مۇھىت ئاسراش قانۇنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىزاھات لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئۈن-سىن ئويۇنلىرى بېيجىڭ ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاش ھەققىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ياردەمچى ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاش ھەققىدىكى قارارى ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. يىغىندا ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ھەققىدىكى دوكلات ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەمتىمىن ياسىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، لى رۇلىن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىكىگە، ۋاڭ شاۋفېڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى، جۇ شياۋچىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىكى، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى. يىغىندا يەنە باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلەش، قالدۇرۇش قارارلىرى ئاۋازغا قويۇلدى. يىغىندا تۈرلۈك قارالمىلار ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى مۇھىت ئاسراش قانۇنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. قانۇن ماددىسى ئەسلىدىكى 47 دىن 70 كە كۆپەيتىلىپ، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلدى. كېيىنكى قەدەمدىكى مۇھىم ھالقا-يېڭىدىن تۈزىتىلگەن مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ قېتىمقى يىغىندا جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ يەتتە قانۇنىي ئىزاھاتى ماقۇللاندى. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە چىقارغان ئەدلىيە ئىزاھاتى قانۇن بىلەن ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە، ئالاقىدار تەرەپلەر بۇنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خامچوت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش-12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىپ پىلانلاپ بېكىتكەن بىر مۇھىم ۋەزىپە. خامچوت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، قانۇن تۈزۈمى جەھەتتىن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئېنىق بولغان خامچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. قانۇن كومىتېتى خامچوت قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالدۇرراق چىقىرىشقا تېرىشىپ، مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشقا قانۇن كاپالىتى ھازىرلىشى كېرەك. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى كەسكىن، 12-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدىكى ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ چەكلىمىلىك كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنلاشنى چىڭ ۋەزىپە قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە باغلاپ، تېخىمۇ كۆپ تېرىشىش لازىم. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە باغلىشى ھەققىدىكى پىكىرنىڭ سىناق نۇسخىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. مەن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ۋە ئالاقە باغلىغان ۋەكىللەرنىڭ بۇنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر