باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 6053 مېيىپ يېتىم بالا ‹‹ئەتە پىلانى›› دىن مەنپەئەتلەندى

2014.04.25 09:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون 2004 – يىلى 9 – ئايدا ‹‹مېيىپ يېتىم بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەتە پىلانى››نى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پاراۋانلىق ئاپپاراتىدا ۋە ئائىلىدە بېقىلىۋاتقان 6053 مېيىپ يېتىم بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىپ داۋالانغان.

  ئاپتونوم رايون مېيىپ يېتىم بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، 2004 – يىلى 9 – ئايدا ‹‹مېيىپ يېتىم بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەتە پىلانى››نى يولغا قويۇپ، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ۋە ئائىلىدە بېقىلىۋاتقان 18 ياشتىن كىچىك، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا بولىدىغان مېيىپ يېتىم بالىلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىدى. ئاپتونوم رايون ئوپېراتسىيە داۋالاشقا بولىدىغان مېيىپ يېتىم بالىلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ھەققى، كېسەلخانىدا يېتىش ھەققى، ئوپېراتسىيە ھەققى، يالغان قول – پۇت سېلىش ھەققى، داۋالىنىش ھەققى، قاتناش ھەققى قاتارلىقلارنى ئاتچوت قىلىپ بەردى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، ھەر بىر بالىغا يەنە ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر