باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئوبامانىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلدى

2014.04.25 09:25         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، 22-ئاپرېل تېلېگراممىسى : ياپونىيە ‹‹ئورتاق›› ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 22-ئاپرېل ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىنى رەسمىي ئېلان قىلغان . ئوبامانىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ بىلەن بولغان باشلىقلار سۆھبىتى 24-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىكەن .

  بۇ ئوبامانىڭ 2010-يىلى 11-ئايدىن بۇيان ، يەنى ئارىلىقتىن ئۈچ يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى ، شۇنداقلا ئۈچىنچى قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ ، تۇنجى قېتىم دۆلەت مېھمىنى مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولۇشى ھېسابلىنىدۇ .

  ئوباما 23-ئاپرېل كەچتە ياپونىيە خانىدا ئايرۇدۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ ، كېيىن ئابې شىنزۇ رىياسەتچىلىكىدىكى بىرەسمىي كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىدۇ ، ئارىلىقتا زىياپەتكە سىرتتىن قاتناشقۇچىلار بىلەن ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىدۇ .

  ئوباما 24-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيە خان ئوردىسى ئۆتكۈزىدىغان قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ياپونىيە تەڭرىخانى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ . ياپونىيە-ئامېرىكا باشلىقلىرى سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . كېيىن ئوباما توكيودىكى ياپونىيە ئىلىم-پەن كەلگۈسى سارىيى ۋە مېيجى سىرلىق ئوردىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

  ئوباما 24-ئاپرېل كەچتە ياپونىيە خان ئوردىسى ئۆتكۈزىدىغان كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىدۇ ، 25-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن كورىيەگە قاراپ يول ئالىدۇ . بۇ 1996-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، ياپونىيە ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۆلەت مېھمىنى ئۆلچىمىدە كۈتۈۋالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر