باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەربىي تىنچ ئوكيان مۇنبىرىدا «دېڭىزدا تاسادىپىي ئۇچرىشىش بەلگىلىمىسى» ماقۇللاندى

2014.04.25 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاررېن 23-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگونىڭ چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك غەربىي تىنچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسى مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا «دېڭىزدا تاسادىپىي ئۇچرىشىش بەلگىلىمىسى»نىڭ ماقۇللانغانلىقىنى قۇۋەتلەيدۇ.

  ۋاررېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بەلگىلىمىنىڭ ماقۇللىنىشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ سۆزلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە بولغان خاتا چۈشۈنىشىنى ئازايتىپ، قىسىمنىڭ ئوچۇق دېڭىزدا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا توقۇنۇشۇپ قېلىش خېيىم خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، دېڭىز ئۈستى ھەرىكىتىنىڭ بىخەتەرلىكلىكىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «دېڭىزدا تاسادىپىي ئۇچرىشىش بەلگىلىمىسى» نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتلىرى ياكى ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرى تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغاندا، قانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى ۋە ۋاستىسى قوللىنىپ، ئۆزئارا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئېنىقسىزلىقنى ئازايتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر