باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ «ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىلىق چارىسى»نى ئۈگىنىش توغرىسىدا تەسىتىق سالدى

2014.04.24 10:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىلىق چارىسى»نى مەملىكەت بويىچە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 22-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسى تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت ئادىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش قېيىن، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساسلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. قېيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەشتە مۇھىم بولغىنى چارىنى دەرھال يولغا قويۇش. رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار «ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىلىق چارىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، «دائىرە سىرتىدىكى رايونلار»نى تازىلاپ، سېلىنمىنى زورايتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتنىشىشقا مەدەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، ۋاقتىدا ياردەم بېرىش بىخەتەر تورىنى ياخشى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ تىگىشلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى، بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات» ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىلىق چارىسى»نى ئىزچىل يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ تۈرلۈك جىددىي قېيىن مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسى تۇرمۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر