باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹قىلىدىغان ئىشلار كۆپ ئىكەن››

(زىيارەت خاتىرىسى)

2014.04.25 09:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاينۇر ئابلىمىت، ئابلىمىت ئابدۇكېرىم، لياڭ شۈجۈەن

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئىلى ۋادىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن 20 كادىر يېقىندا يەكەن ناھىيەسى كاچۇڭ يېزىسىنىڭ ھېيتكار، بازار، قارايانتاق يېزىلىرىغا چۈشكەنىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خۇ جىدۇڭنى زىيارەت قىلدۇق.

  مۇخبىر: سىلەرنىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىغا كەلگىنىڭلەرگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپتۇ، بۇ جەرياندا قانداق مەسىلىلەرنى بايقىدىڭىز؟

  خۇ جىدۇڭ: بىز 20 كىشى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ 5 – مارت كاچۇڭ يېزىسىنىڭ ھېيتكار، بازار، قارايانتاق كەنتلىرىگە ئورۇنلاشتۇق.

  بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئىش تەقسىملەپ، يېزىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق، 10 – مارت گۇرۇپپىمىز يەرلىكنىڭ بىرلەشمە پائالىيەت سىستېمىسىغا قېتىلدى. يېزىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە ‹‹تۆتتە بىللە بولۇش›› تەلىپى بويىچە، ھېيتكار كەنتىدىكى ئىككى كومىتېتنى ئاساس قىلىپ، كەنت مۇھاپىزەت ئىشخانىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۈچ تەرەپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، كەنتتىكى دېھقانلارنى يوقلىدۇق. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ پاراڭلىشىپ تۇرمۇشى بىلەن تونۇشتۇق، ئەھۋال ئىگىلىدۇق، سىياسەتنى چۈشەندۈردۇق، پۇقرالارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، قايغۇسىنى بىلدۇق، بىر چەينەك چاي، بىر تەخسە ياڭاق بىز بىلەن پۇقرالارنى قەلبداش قىلدى.

  ھېيتكار كەنتىدىكى 82 ياشلىق نەغمىچى ئاۋۇت ساۋۇتنى يوقلاپ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئازادلىقتىن ئىلگىرى سۇ بىلەن يەرنى پومىچىكلار ئىگىلىۋالغان، يۇرتداشلارنى خالىغانچە ئېزىپ، ھالىمىزنى قويمىغانىدى، ئازادلىقتىن كېيىن كومپارتىيە قەددىمىزنى كۆتۈردى، يەر، ئۆيگە ئىگە بولدۇق، سۇ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغان بولدى، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق، بىز بۇنىڭدىن بەك مەمنۇن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن مىننەتدار. سىلەرنىڭ كېلىشىڭلارنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام قوي سويۇپ قازانغا گۆش سېلىپ تۇرمامتىم...

  بۇ يەردىكى پۇقرالار ئىنتايىن ياۋاش، بەكلا ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئىكەن، ئۇلار ئاپتونوم رايوندىن خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، ھەممىسى دېگۈدەك كېلىپ بىزنى يوقلىدى، گەپ – سۆزدە تەرجىمانغا تايىنىشقا مەجبۇر بولغان بولساقمۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بولغان قىزغىن قارشى ئېلىش، ئىشىنىش، ئۈمىدنى كۆردۇق.

  بىز بۇ كەنتتىكى تۇردى مەرمۇر بوۋاينىڭ 18 ياشلىق ئوغلىنىڭ تەمرەتكە كېسىلى بىلەن پۈتۈن ئەزايىنى تەمرەتكە بېسىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ بالىنىڭ كېسەل دەستىدىن ئورۇقلاپ، ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى، قىزى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، داۋالىنىش چىقىمىنىڭ بۇ ئائىلىنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ ئائىلىدىن ھال سوراپ باردۇق، بوۋاي 85 ياشقا كىرىپتۇ، ئوغلى ئەسلىدە بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى ئىكەن، لېكىن ئۇ كېسەل سەۋەبلىك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ. بىز بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، گۇرۇپپا ئەزايىمىز فېڭ جيې تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەيدىغان خوتۇنى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئەۋەتىپ بەردى، دوختۇرلار سۈرەتلەرگە قاراپ داۋالاش لايىھەسى ۋە ئىشلىتىشكە تېگىشلىك دورىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتۇردى، فېڭ جيېنىڭ خوتۇنى دورا سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بەردى.

  مۇخبىر: سىلەر ئىگىلىگەن ئەڭ تۈپ مەسىلە قايسى؟

  خۇ جىدۇڭ: پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن ئىكەن. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان بولسىمۇ، ئاساسەن يۇرتىغا قايتىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىكەن. بۇ يەردىكى ياشلار ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىش ئۈچۈن، داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆينىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جىسمانىي ئەمگەك قىلىشقا كىرىشىدىكەن. بۇلارنىڭ تۇرمۇشى بېكىنمە، تارقاق، نىشانسىز ئىكەن.

  يەنە بىر مەسىلە، بۇ كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كىشى بېشىغا ئاران 0.7 مودىن يەر توغرا كېلىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتەي دېسە يەر يوق، يېڭى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىناي دېسە، مەبلەغ سېلىش خەتىرىدىن قورقىدىكەن، مەبلەغ سالغۇسى بارلارنىڭ قولى قىسقا ئىكەن. كەنتتە خېلى مۇكەممەل كەسپىي باقمىچىلىق ئائىلىلەر بولۇپ، ھازىر ھەر بىر ئائىلىدە نەچچە تۇياقتىن قوي، ئۆچكە، بىر – ئىككى كالا، نەچچە ئوندىن توخۇ بار ئىكەن، ئەھۋالى ياخشىراقلىرى چارۋىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتەي دېسە ئايلانما مەبلەغ يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەم – خەشەك قىممەت، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشىلىمىقى ناھايىتى قىيىندەك تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر