- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەشنىڭ يېڭى پىلانى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ
2014.04.24 17:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل كانبېررادىن بەرگەن خەۋىرى: ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى 23-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە سۇ ئاستىنى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ 80 نەچچە پىرسەنتى تاماملاندى، «كۆك كىت-21» ناملىق ئادەمسىز سۇ ئاستىدا يۈرۈش ئەسۋابى 10-قېتىملىق سۇ ئاستىدا ئىزدەش مەشغۇلاتىنى تاماملىدى. بۈگۈنگە قەدەر، مالايشىيانىڭ MH370 ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى بايقالمىدى. ئاۋستىرالىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جون سىتۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋستىرالىيە جۇڭگو، مالايشىيا ۋە ئامېرىكا بىلەن كېڭىشىۋاتىدۇ، ئەڭ يېڭى ئىزدەش پىلانى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ.(خەن چاۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر