باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىلى تاشقى پرۋوتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى439 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2014.04.25 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تاشقى پرۋۇتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 23-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلى تاشقى پرۋوتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بانكا تاشقى پرۋوت تېجارىتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دېلو 439كەن. بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش ئاساسلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ راسچوت قىلىش، سېتىش، پرۋوت قىلىش تېجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تاشقى پرۋوتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل چېگرا ھالقىغان مەبلەغ يۆتكىلىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، چېگرىدىن ھالقىغان مەبلەغنى قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەشنىڭ زەربىسىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، دېدى.

  ئۆتكەن يىلى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولار ئىچىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: 1- بەلگىلىمىگە خىلاپ راسچوت قىلىش، سېتىش، پرۋوت قىلىش تېجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ؛2- بەلگىلىمىگە بويىچە دائىملىق تۈر مەبلىغى كىرىم-چىقىمىنىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە بىردەكلىكىنى تەكشۈرمەسلىك؛ 3-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كاپىتال تۈر مەبلىغى كىرىم-چىقىمىنى بېجىرىش؛ 4-قىسمەن بانكىلار بەلگىلىمە بويىچە خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇم قىلماسلىق، بەلگىلىمە بويىچە ماتېرىياللارنى يوللاپ بەرمەسلىك ۋەھاكازالار .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر