- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


MH370 گە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئاختۇرۇش پىلانى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ
2014.04.25 08:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى 23-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ھازىر سۇ ئاستىدا ئاختۇرۇش خىزمىتى مۇساپىسىنىڭ %80تىن كۆپرەكى تاماملىنىپ بولدى، «تۇننۇس بېلىقى 21-» ناملىق ئادەمسىز سۇ ئاستىدا ئىزدەش ماشىنىسى 10-قېتىم سۇ ئاستىنى ئاختۇرۇش مەشغۇلاتىنى تاماملىدى. ھازىرغىچە مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى تېخى بايقالمىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇنستون مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيە ـ جۇڭگو مالايسىيا شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن كېڭىشىۋاتىدۇ، ئەڭ يېڭى ئاختۇرۇش پىلانى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر