باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېخېيۈەن مېۋىچىلىك شىركىتىنىڭ تۈمەن توننىلىق سوغۇق ساقلاش، ئوبوروت قىلىش تۈرىگە ئىش باشلاندى

2014.04.24 20:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەسەنجان داۋۇت: 4- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭ يېخېيۈەن مېۋىچىلىك شىركىتىنىڭ «10 مىڭ توننىلىق مېۋە-چېۋە سوغۇق ساقلاش، ئوبوروت قىلىش تۈرى»نىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۈمدى. 24 مىليون 830 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى 15 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ تۈرگە بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىش باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ 180 كۈن ئىچىدە تاماملىنىشى مۆلچەرلەندى.

  بىڭتۇەن 3- شى تۇمشۇق شەھىرىدە ھازىرغىچە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان، مېۋە-چېۋىنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوغۇق ساقلاش، ئوبوروت قىلىش كارخانىسى يوق بولۇپ، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن 3- شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ مىۋە-چېۋە سوغۇق ساقلاش، ئوبوروت قىلىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇش، مېۋە-چېۋە ساقلاش شارائىتى ناچار بولۇش، مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتلىرى خام ئەشياسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوراپ، قاچىلاش كارخانىلىرى ۋە تىرانسپورت كارخانىلىرى ئۈچۈن 25 مىليون 750 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم يارىتىپ بېرىدۇ.

  قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ تۈر دىرېكتورى چېڭ خۇيخۇي مۇنداق دېدى: بىز دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنى دۆلەت ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملاپ، تۈرنىڭ تېزراق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  ئادرېس: قەشقەر شەھىرى قىزىل دۆۋە يولى 440- نومۇر، «زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر