باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن كېرىيەدە يەرتەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2014.04.25 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 19 –، 20 – مارت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە «12 – فېۋرال» يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، قايتا قۇرۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا يىل ئىچىدە كۆچۈپ كىرىدىغان يېڭى ئۆينى پۈتكۈزۈپ بېرىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش، ئاكتىپ كۈچلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇش، خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئاساسنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

  كېرىيە ناھىيەسىدە 12 – فېۋرال 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ، رەئىس يۈ جېڭشېڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېز ئورۇنلاشتۇردى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ۋىلايەت، ناھىيەنىڭ رەھبەرلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى، ھەر قايسى قۇتقۇزۇش كۈچلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ باردى، قۇتقۇزۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەندى . ھازىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننىڭ تەرتىپى نورمال بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كىيىم–كېچەك، يېمەك–ئىچمەك، ياتاق، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىقلار كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، قايتا قۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىن ئالتە ناھىيە ئاپەتكە ئۇچرىغان، 13 مىڭ 821 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ئاپەت ئەڭ ئېغىر كېرىيە ناھىيەسىدە 250 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 30 مىڭ كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە يېقىنقى يىللاردا سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان، ناھىيەدىكى 6000 ئېغىزدىن ئارتۇق كونا ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

  جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يېغىۋاتقان قارغا قارىماي 200 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان ئاچچان يېزىسىغا كەلدى . پىشكە كەنتىدە جاڭ چۈنشيەن چېدىرلارغا كىرىپ ، ئاممىدىن تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ۋاقىتلىق ئورنىتىلغان چېدىردا جاڭ چۈنشيەن كەنت ئاھالىسى ئېلىپ كەلگەن ئالما ، ياڭاق ، تۇخۇمغا ئېغىز تەگدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى : يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن كادىرلار ئوزۇقلۇقىمىزنى ئۆكسىتىپ قويمىدى ، بىز يوق چاغلاردىمۇ، كادىرلار يەيدىغان نەرسىلەرنى چېدىرغا قويۇپ قويدى، ھازىر كۆپچىلىك يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ، يول يۈرۈشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى.

  تارئەگىز كەنتىدىكى چېدىردا ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما تەرەپ–تەرەپتىن مۇنداق دېيىشتى : بىزنىڭ بۇ يەردە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلدى ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم يوليورۇق بەردى، كادىرلار ئۇنى بىزگە يەتكۈزدى، كۆپچىلىك تولىمۇ تەسىرلەندۇق، پارتىيەگە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت. ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت نۇرغۇن ياردەم قىلدى، بىراق بىز ھۆكۈمەتكىلا تايىنىۋالماي، يۇرتىمىزنى تىرىشىپ قايتا قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  56 ياشلىق كەنت ئاھالىسى خەيرۇلخان تۆمۈر جاڭ چۈنشيەن شۇجىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى. خەيرۇلخان مېيىپ قىزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتكەنىدى. جاڭ چۈنشيەن شۇجى شۇ يەردىكى كادىرلارغا جېكىلەپ مۇنداق دېدى: ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم ۋە غەمخورلۇق قىلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كىيىم – كېچىكى، تامىقى، تۇرالغۇسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاھالىلەر ۋە قوشنىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىپ يۇرت – ماكانىنى بىرلىكتە قايتا قۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن شۇجى 19–مارت كەچتە خوتەن ۋىلايىتى ۋە كېرىيە ناھىيەسىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە پۇختا، ياخشى پىلانلىنىشى كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. مۇھىمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنى قايتا سېلىش خىزمىتى بولۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرەلىشى كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بىلەن ۋە 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن، شۇنداقلا خوتەن ۋىلايىتىدە قانات يايدۇرۇلغان ئۈچ تۈرلۈك خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋاقىتتا شۇ يەردىكى كەنتتە تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان «ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى يوقلىدى.

  سەي شيەنفۇ پىشكە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ كارىۋىتىنىڭ بېشىغا «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ چاپلىۋالغانىدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىش قىلغاندا مۇشۇنداق قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك . خىزمەت ئەترىتىنىڭ بۇ يەردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن كۆكيار يېزىسىنىڭ بوستانتېرەك كەنتىگە كەلگەندە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى يوقلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى يوقلىغاندا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەگەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئۇچراشمىساق، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمىسەك، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكمىسەك، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ئويلاۋاتقانلىرىنى بىلىپ بولالمايمىز، بۇنداق بولغاندا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدە سىلەر ئاۋانگارتلار، يول ئاچقۇچىلار، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشەنچى بار، بۇ ئىشەنچ كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدىن، كۆپچىلىكنىڭ روھىي ھالىتىدىن كەلگەن. كۆپچىلىكنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن يېقىن تۇغقانچىلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ، تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەتنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنى ھەقىقىي ھالدا «خىتابنامە، تەشۋىقات ئەترىتى، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى» غا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. كېرىيە ناھىيەسىدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايون رەھبىرى كۈرەش مەخسۇت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر