باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش توختىتىلدى

2014.04.25 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 23- ۋە 24-كۈنلىرى چەرچەن ناھىيەسىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ بەش بالدىن ئالتە بالغىچە بوران چىقىپ 50 مېتىر ئارىلىقنىمۇ كۆرگىلى بولماي ھاۋانىڭ تېمپىراتۇرىسى 17-3 سېلتسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالدى. قاتناش تارماقلىرى جىددى ئەھۋالغا جىددى قاراپ 23-چېسلا چەرچەندىن-ئۈرۈمچىگە، چەرچەندىن-كورلىغا، چەرچەندىن–خوتەنگە ۋە چەرچەندىن-چاقىلىققا ماڭىدىغان سەككەز ئۇزۇن يوللۇق نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلارنى توختاتتى. مائارىپ تارماقلىرىمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ناھىيە تەۋەسىدىكى 12 باشلانغۇچ مەكتەپتە 24-چېسلا بىر كۈن دەرس توختاتتى. قاتناش ساقچى تارماقلىرى دوقمۇشلاردا قاتناشقا چەك قويۇپ قاتناش تەرتىپىنى ياخشىلاپ شەھەر ئىچى قاتنىشىنىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر پولات نىياز خەۋىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر