- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چاۋشيەن قىزىل كىرىس جەمئىيىتى كورىيەگە ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
2014.04.25 09:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن قىزىل كىرىس جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتى 23-ئاپرېل كورىيە قىزىل كىرىس جەمئىيىتىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللاپ، كورىيەنىڭ «يىللار» ناملىق پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىىۋىتى بىلەن كورىيەدىن ھال سورىغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن قىزىل كىرىس جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتى ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللاپ، 16-ئاپرېل كورىيەنىڭ «يىللار» ناملىق پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يوقاپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورايدۇ.
كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى 23-ئاپرېل خەۋىرىگە قارىغاندا: چاۋشيەننىڭ كورىيەدىن ھال سورىشى 2003-يىلى داگۇدا يەر ئاستى تۆمۈر يولىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى ۋە «تومۇزغا» ناملىق تەيفېڭ بورىنى ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر