باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى چەرچەندە مەدەنىيەتنى ئاساسى قاتلامغا يەتكۈزدى

2014.04.25 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات تەربىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە قايناق كەيپىياتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوبلاستلىق ناخشا –ئۇسسۇل ئۆمىكى «مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جارى قىلدۇرايلى» دېگەن شوئارنى باش تېما قىلىپ 27نەپەر كەسىپتە پىشقان ئارتىسلارنى تەشكىللەپ چەرچەن ناھىيەسىدە مەدەنىيەتنى ئاساسى قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئېسىل نومۇرلىرى نەپىس ئۇسسۇل ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كورلا سەنىمى قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنداپ ئاممىدىن ھال سوراپ ئەلنىڭ ئۈچ ئىشىنىڭ خىزمەت گۇرۇپىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن مۆمىننىڭ دېيىشىچە ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى چەرچەن ناھىيەسىدە 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 27كۈنگىچە بەش كۈن ئاچچان يېزىسى، قوراملىق يېزىسى، ئوييايلاق بازىرى قاتارلىق توققۇز يېزا بازاردا توققۇز مەيدان ئويۇن قويىدىكەن. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئارتىسلار تاغلىق چارۋىچىلىق رايون بولغان قۇراملىق يېزىسى ۋە ئارال يېزىلىرىدا ئويۇن قويغان بولۇپ كۆزنى ئاچقىلى بولمايدىغان قۇم-بورانلىق ھاۋارايىدىمۇ جۇشقۇن كەيپىياتتا يۇقىرى ماھارەتلەرنى ئورۇنلاپ دېھقان –چارۋىچىلارغا ئىستېتىك زوق ئاتا قىلدى.(چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر پولات نىياز خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر