باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلا شەھىرىدە دۇنيا مېھرى- مۇھەببەتكە تولسۇن تېمىسىدىكى مىننەتدارلىق تەربىيە پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى

2014.04.24 19:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پىسخىك ساغلاملىق ۋە ئائىلە تەربىيە تەتقىقاتچىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى، خوتەن شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى سالامەت ئىمىن تەكلىپكە بىنائەن كورلا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتىپىدە «دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن» تېمىسىدا مىننەتدارلىق تەربىيەسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ مىننەتدارلىق تەربىيىسى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانا ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يۈرەك پارىنى ئەزدى. ئارقىدىن پەرزەنتلەرنىڭ ۋەتەنگە، ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقى بىلدۈرۈلدى.

  پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلار، ۋە دېھقان-چارۋىچىلاردىن بولۇپ، 1500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مىننەتدارلىق تەربىيە پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 21-كۈنىگە قەدەر كورلا شەھىرى قوشئېرىق يېزا مەركىزى مەكتەپ، شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، لەڭگەر مەركىزى مەكتەپ ۋە شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر