باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە «سېۋول» ناملىق پاراخوتنىڭ ئامان قالغان 10 نەپەر پاراخوت خىزمەتچىسىنى قولغا ئالدى

2014.04.24 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 22 گىچە «سېۋول» ناملىق پاراخوتتىن قۇتۇلۇپ قالغان 20 پاراخوت خىزمەتچىسىنىڭ 10 نەپىرى قولغا ئېلىنغان ياكى توختىتىپ قويۇلغان، تەپتىش ئورگىنى يەنە پاراخوپت خادىمىنى توختىتىپ قويۇش ئىلتىماسى سۇنغان. كورېيە 23-ئاپرېل 212 پاراخوت، 34 تىك ئۇچار ئايروپىلان، 550 نەچچە ئادەمنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلدى، بىراق بۈگۈنگە قەدەر ھايات قالغانلار بايقالمىدى. 23-ئاپرېل سائەت توققۇز يېرىمغىچە قازا قىلغانلار 157 گە يەتتى، يەنە 145 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. (ۋەن يۈ، ۋاڭ لى، چېڭ ۋېيدەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر