باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«رېنلى» پولات مەھسۇلاتلىرى شىركىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2014.04.24 19:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋەر قىلىدۇ: 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شەندوڭ پولات-تۆمۈرچىلىكى قەشقەر «رېنلى» پولات چىۋىق مەھسۇلاتى چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش سېخى 9- فېۋرال قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى پولات-تۆمۈر كەسپلەر باغچىسىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 300 مو، ئومۇمى قۇرۇلۇش كۆلىمى 120 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى پولات چىۋىق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەپ سېتىش، قۇرۇلۇش ئەسلىي ماتىرىيالىنى سېتىۋېلىش، ئامباردا ساقلاش، سودا قىلىش قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يىللىق ئۇنۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 500 مىڭ توننا، ئۇنۋېرسال كەسپىي كىرىمى بىر مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بىۋاسىتە 500 كىشىنى، ۋاستىلىق 800 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

  شەندوڭ پولات-تۆمۈرچىلىكى قەشقەر «رېنلى» پولات چىۋىق مەھسۇلاتى چەكلىك شىركىتى شەندوڭ پولات-تۆمۈر گورۇھىنىڭ يۈرۈشلەشكەن كارخانىلىرىنىڭ بىرسى ھېساپلىنىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى يەرلىكتىكى قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ساھەسىنىڭ ماددى ئەشيانى يەتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇشنى تىزلىتىپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ھەتتا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سانائەت، سودا ساھەسىدىكى ماددى ئەشيا بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر