باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوقۇشتىن قالغان 25 بالا مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدى

2014.04.24 20:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەسەنجان داۋۇت: بىڭتۇەن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى 3- شى 51- تۇەننىڭ 9-، 10- ليەنلىرىگە چۈشكەندىن كېيىن، ئاھالىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا 25 بالىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن قالغانلىقىنى ئىگىلىدى ھەمدە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلدى.

  9- ليەندىكى 12 ياشلىق ئامانگۈل ئايۇپ بۇ 25 بالىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلىكتىن، دادىسى بىلەن تۇرۇپ ئۆيدە كىچىك سىڭلىسىغا قاراۋاتاتتى. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بۇ ئۆيگە كېلىپ ئامانگۈلدىن نېمىشقا مەكتەپكە بارمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇنىڭ دادىسى ئايۇپ يۈسۈپ ئۆيىدە كىچىك قىزىغا قارايدىغان باشقا ئادەم يوقلۇقىنى، شۇڭا ئامانگۈلنى مەكتەپكە بارغۇزمىغانلىقىنى ئېيتتى. كادىرلار دەرھال ئايۇپ يۈسۈپكە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، قىزىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشكە قايىل قىلدى.

  بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كادىرلار ئامانگۈلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ يەنىلا مەكتەپكە بارمىغانلىقىنى كۆردى. كادىرلار قوشنىلار بىلەن بىرلىكتە ئايۇپ يۈسۈپكە ئامانگۈلنى مەكتەپكە ئەۋەتىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن، ئايۇپ يۈسۈپنىڭ دادىسى كىچىك نەۋرىسىنى ئۆزى باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامانگۈل ئاخىرى مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدى.

  بۇ ئىشتىن كېيىن، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرى، ئوقۇشتىن قالغان بالىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ليەندۈي كادىرلىرىنى يىغىپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كۆپچىلىككە ھەر بىر بالىنىڭ ئوقۇش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلارنى ئوقۇشتىن چىقىرىۋېلىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى، ئۆيدىكى ئىشلار ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، قىيىنچىلىق ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئىنچىكە چۈشەندۈردى.

  ئادرېس: قەشقەر شەھىرى قىزىل دۆۋە يولى 440- نومۇر، «زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر