- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە بولغان زىيارىتىنى باشلىدى
2014.04.24 17:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل توكيودىن بەرگەن خەۋىرى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 23-چېسلا كەچتە ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىگە بېرىپ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.
23-چېسلا كەچتە ئوباما ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزۇ رىياسەتچىلىكىدىكى بىرەسمىي كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى. 24-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ئوباما ياپونىيە تەڭرىخانى ۋە ئۇنىڭ خانىشى بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئابى شېنزو بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچىدۇ.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، رايون ۋەزىيىتى ۋە «تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ياپونىيە-ئامېرىكا باشلىقلىرى سۆھبىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەن.
ئوباما 25-چېسلا كورېيەگە زىيارەتكە بارىدۇ، ئاندىن مالايشىيا، فىلىپپىنلاردا زىيارەتتە بولىدۇ. (تيەن خۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر