Tilimiz.com 4.23 دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ھەققىدە
ئەكبەر قادىر
ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دۇر. بۇ كۈن ئىنسانلارنى كىتاب ئوقۇب بىلىمدىن تەڭ بەھىرلىنىشكە چاقىردىغان، تۇرمۇشنى، ھاياتنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مەنلىك ئۆتكۈزۈشكە چاقىردىغان خاسىيەتلىك كۈندۇر. بۇ كۈن يەنە دۇنيادا «ئەدەبىياتقا سىمۋول قىلىنغان كۈن» دەپمۇ تەرىپلىندۇ. بۇ يىل 19-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ئۇنداقتا بۈ كۈن قانداق بارلىققا كەلگەن؟بۇ كۈندە قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدۇ؟ بۇ كۈننىڭ ئەھمىيتى قانداق؟

كىتاب ئوقۇش جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكتە. كىتاب ئوقۇش ئادەملەرنى ئۆزگەرتمەكتە. ئادەملەر ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا توغىرسىدىكى بىلىشلىرنى كىتابقا پۈتمەكتە ھەم كىتابتىن ئالماقتا شۇڭا كىتاب ئوقۇيلى؟ كىتاب ئارقىلىق روھىي دۇنيارىمىزنى مول قىلايلى. روس مىللىتىنىڭ كىتابخۇمارلىقى ھەمەيلەنگە ئايان. روسىيە ئەينى يىلاردا ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغاندا روس خەلقى«ئۆيمىزدە بولكا بولمىسىمۇ كىتاب بار» دەپ كۆڭلىنى توق تۇتۇپ يۈرۈپتىكەن. مانا بۇ نىمدىگەن ئالىيجانابلىق ھە! روس خەلقىنىڭ شۇنچە زور ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىن غالىب كىلىب، بۈەۈنكىدەك قايتا تەرەقىياتقا ئىرشەلىشىدە كىتابنىڭ ئۇلارغغا بېغىشلىغان روھىي كۈچۈ مۆلچەرلىگسىز بولدى. دېمەك، كىتاب بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۈچۈن مەنىۋىي ئوزۇق ھېسابلىندۇ. ئۇنىڭ روھىي قۇدىرىتى ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىنتىلشىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن يەنە ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چۈشۈنشىدە، ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتپاق ياشىشىدىمۇ ئىپادىلىندۇ. ئۆز ھاياتىنى سۈيۈپ گۈزەلىك يارتىشى ئۈچۈن تىرشىشىدىمۇ ئىپادىلىندۇ.
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»ھەمەيلەنگە ئورتاق كۈن. بۇ كۈندە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇيلى! تېخىمۇ كۆپ كىتابنى دوست تۇتايلى!
بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەشكە بارماقچى ئىدىم. «ئۇنىڭغا نېمە سوۋغا قىلسام بولار؟» دەپ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرئۇنىڭغا مەڭگۈ قىممىتىنى يوقاتمايدىغان، ئىنسان روھىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بىلىم كانى كىتاب سوۋغا قىلىش نىيىتىگە كەلدىم – دە، كىتاب كۆرۈشكە ھېرىسمەن توققۇز ياشلىق قىزىمنى ئەگەشتۈرۈپ كىتابخانىغا باردىم. كىتاب تىزغۇدىكى يېڭى كىتابلارغا كۆزۈم چۈشتى. «سىرنامە»، «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»، «ئۆزۈڭگە تايان»، «ھاياتىڭىزنى پىلانلاڭ» ... نېمە دېگەن ياخشى كىتابلار – ھە! بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سوۋغا بولماس.
 كىتاب تاللاپ بولغاندىن كېيىن، كىتابخانىغا نەزەر سالدىم. ۋاي – ۋۇي! بۇ يەر بۈگۈن بۆلەكچىلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولدۇم. ئادەتتە، ھەر كۈنى كەچتە يولدىشىم بىلەن بەدەن چېنىقتۇرغاچ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتىم. كىتابخانىنىڭ ئۇدۇلىغا ۋە ئارقا تەرىپىگە رېستورانلار جايلاشقان بولۇپ ناخشا – مۇزىكىلار ياڭراپ تۇراتتى. ئالدىدا توختاپ كەتكەن پىكاپ، موتوسىكلىتلار شۇنچە كۆپ بولاتتى. كىتابخانىمۇ كەچتە نورمال ئېچىلاتتى. بىراق، كىتابخانىدا بۇنچە كۆپ ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. بىر كۈنى يولدىشىمغا:
شۇ چاغدا كاللامدا بالىلارنى كىچىكىدىن كىتابقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەش مۇھىم ئىكەن، دېگەن پىكىر تۇغۇلدى. كىتاب كۆرۈۋاتقانلارغا نەزەر سالسام، كۆپىنچىسى مەكتەپ بالىلىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئانىلىرى بىلەن كىتاب تاللاۋاتقان تۆت – بەش ياشلىق يەسلى بالىلىرىمۇ بار ئىكەن. ئورۇندۇقتا ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقان سەبىيلەرگە قاراپ شۇنداق مەسلىكىم كەلدى. ئۇلار كىتاب ئوقۇشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلالىسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كەلگۈسىدە داڭلىق كىشىلەر چىقمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ بالىلارنى كىچىكىدىن كىتابخۇمار قىلىپ تەربىيەلىشى ئاساسسىز ئەمەس. دانالارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، كىتاب بىتاپلىق دورىسى ئەمەسمۇ. شۇڭا، بالىلارنى بىلىم خەزىنىسى كىتابنى ئۆمۈرلۈك دوست تۇتسۇن دېسەك، ئۇلارنى كىچىكىدىن كىتابقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەش ئىنتايىن زۆرۈر.

دېڭىز ساھىللىرىدا، چىملىقلاردا، كۈتۈپخانىدا، بېكەت سۇپىسىدا ... مەيلى قەيەردە، قانداق شارائىتتا بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، كىتاب ئوقۇشتەك بۇنداق ئىللىق ھەم گۈزەل ئىشنى قانداقمۇ تاشلاپ قويالايمىز؟   23-ئاپرىل، 19-دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنىنى كۈتىۋالىمىز، بۇ يىللىق ئاساسىي تېما «يەر شارى ۋە مەن».
ئاز بولمىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنى تېلېۋىزور كۆرۈش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناشقا سەرىپ قىلىشقا رازىكى، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى يىغىنچاقلاپ ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى كەمچىل، گەپ ئاڭلىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.   ئەمەلىيەتتە، بالىلاردا ياخشى بولغان كىتاب كۆرۈش ئادىتىنىڭ بولۇش بولماسلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى ئىگەللەپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش بارماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا، قايسى خىل ئۇسۇللار بالىلارنىڭ ياخشى بولغان كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ؟   كىتابنى قىممەتلىك سوۋغات ئورنىدا بالىلارغا سوۋغا قىلىش. دائىم بالىلارنى كىتابخانا ياكى كۇتۇپخانىلارغا ئاپىرىش. بالىلارغا ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىتابلارنى تاللىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەملىشىش، ئۇلارغا كىتابنىڭ ناھايىتى ياخشى سوۋغات ئىكەنلىكىنى ئېيتىش. بالىلارغا «مەن كىتابنى سوۋغات قىلىپ ئېلىشقا ناھايىتى ئامراق، كىتاب بىزنى ئۇلۇغ ئېكسپېدىتسىيەلەرگە باشلايدۇ» دېيىش.
ئۇنداقتا، زادى قانداق قىلغاندا بالىلاردا كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتلدۈرگىلى بولىدۇ؟


كىتاب بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۈچۈن مەنىۋىي ئوزۇق ھېسابلىندۇ. ئۇنىڭ روھىي قۇدىرىتى ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىنتىلشىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن يەنە ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چۈشۈنشىدە، ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتپاق ياشىشىدىمۇ ئىپادىلىندۇ. ئۆز ھاياتىنى سۈيۈپ گۈزەلىك يارتىشى ئۈچۈن تىرشىشىدىمۇ ئىپادىلىندۇ. «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»ھەمەيلەنگە ئورتاق كۈن. بۇ كۈندە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇيلى! تېخىمۇ كۆپ كىتابنى دوست تۇتايلى!


چوققىغا قايتىش