ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھشىباغ يېزا چىنە باغ كەنتىدىكى ياش دېھقان مارىگۈل توختى 2011- يىلى 1.2 مو پارنىكىنى ھۆدىگە ئېلىپ، گۈلچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر يىلى 40 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈنگىچە ساپ پايدىغا ئېرىشتى، ئۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان گۈلنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن خېرىدارلىرى پارنىك ئالدىغا كېلىپ گۈل سېتىۋالىدىغان بولدى، ئۇ 21- ئاپرېلغا قەدەر 35 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق گۈل سېتىپ كىرىم قىلدى.
سۈرەتتە: 22- ئاپرېل مارىگۈل توختى ( سولدىكى كىشى) پارنىك ئالدىدىلا خېرىدارلىرىغا گۈل ساتماقتا.