باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۇرچىنوف: شەرقىي رايونلاردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك

2014.04.24 11:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشاۋاتقان خەلقنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ تېررورچى ئۇنسۇرلارنى زىيانكەشلىكىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانىڭ پىرېزدېنتلىقىنى ۋاكالىتەن ئۆتەۋاتقان پارلامېنت باشلىقى تۇرچىنۇف تۈنۈگۈن قىسىم ۋە ساقچى دائىرىلىرىدىن بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى»نى ئەسلگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  6-ئاپرېلدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانا بىناسىنى نامايىشچىلار ئىگىلىۋېلىش ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەردى، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بۇ ئېتىراز بىلدرۈگۈچىلەرنى «تېررورچىلار » دەپ ئاتاپ، قىسىمنىڭ بۇندىن ئىلگىرى ساقچىلار قاناتيايدۇرغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»گە قاتنىشىشىنى قارار قىلدى. ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، رۇسىيە، ئۇكرائىنادىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى 17-ئاپرېل شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە سۆھبەتلىشىپ، بىر ھۆججەت ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى»نى ۋاقتىنچە توختىتىشنى جاكارلىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر