باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇ ئاستى يادرولۇق رايوندا ئىزدەشنىڭ 80 پىرسەنتى تاماملاندى

2014.04.24 11:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيەنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ 370-نۆۋەتلىك ئايروپىلانىنى ئىزدەش بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ھازىر، «تۇننۇس بېلىقى» ناملىق ئاپتوماتىك سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئەسۋابى سۇ ئاستىدىكى يادرولۇق رايوننى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تاماملاپ بولدى، بىراق ھىچ قانداق بايقاش بولمىدى، بوشلۇقتىن ۋە سۇ ئاستىدىن ئىزدەش داۋاملاشماقتا. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ پاراخوتلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ پېرتنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 1500 كىلومېتىر كېلىدىغان 48 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى رايوندا ئىزدەيدۇ.

  بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئىزدەشتە بىز ئىگىلىگەن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ 370-نۆۋەتلىك ئايروپىلانى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارالغان ئەڭ ياخشى يىپ ئۇچى ئاساس قىلدۇق، بۇ يىپ ئۇچىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، بۇ رايوندا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننىڭ ئاخىرقى قېتىم توختىغان ياكى توختىمىغانلىقىنى بېكىتىمىز، بۇ ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم.

  بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى مۇنداق دېدى: ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننى بوشلۇقتىن ۋە سۇ ئاستىدىن ئىزدەش داۋاملىشىدۇ، مەركىزىمىز خەلقئارادىكى شېرىكلىرى بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى ئىزدەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى كېڭىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر