- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالى، ئىشچىلار ئاۋانگارتى باھالاپ چىقىلدى
2014.04.24 10:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 21-ئاپرېل مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئۇقۇشىچە، دەسلەپكى باھالاش، يەرلىك ئېلان قىلىش، قايتا قاراپ چىقىش، مەملىكەت بويىچە ئېلان قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى، مېدالى ۋە مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى نامىغا ئېرىشكەنلەرنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان، 305 ئورۇن ئەمگەك مۇكاپاتىغا، 1218 ئادەم ئەمگەك مېدالىغا، 1081 ئىشچىلار ئاۋانگارتى كوللېكتىپى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مېدالغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە، 1-سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچى ۋە كەسپىي تېخنىك 784 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %64.37 نى ئىگىلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر