- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئابباس پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى شەرتىنى قويۇۋېتىشنى ئوتتۇرغا قويدى
2014.04.24 11:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن پىرېزدېنتى ئابباس تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم ئاشكارا سورۇندا بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ شەرتىنى قويۇۋېتىش ھەققىدە توختالدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ئاپتونوم رايونىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشغال قىلىشى پەلەستىن مىللىي ھوقۇق ئورگىنىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.
ئابباس مۇنداق دېدى: پەقەت ئىسرائىلىيە ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم قاماقتىكى كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش ھەمدە بۇندىن كېيىنكى ئۈچ ئايدا چېگرا ئايرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىشقا قوشۇلسىلا، پەلەستىن 29-ئاپرېل ئاياغلىشىدىغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلىدۇ. ئابباس شۇنىڭ بىلەن بىرگە: بۇندىن كېيىنكى ئۈچ ئايدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى كېڭەيتىپ سېلىش قۇرۇلۇشىنى توختىتىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر