باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە كىررىي بىلەن تېلېفونلاشتى

2014.04.24 11:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە تېلېفونلاشتى.

  لاۋروف تېلېفوندا مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: كىيىۋ دائىرىلىرى تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ جەنۋە ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ، پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەربىي بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «ئوڭچىل رايون» تەشكىلاتى قاتارلىق ئەسەبىي مىللەتچى ئۇنسۇرلار قوراللىقلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قاماقتىكى نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىپ، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي باشلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كرىزىسى جۈملىدىن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر