باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياسۇكونى ئىبادەتخانىسى مەسىلىسى-ياپونىيەنىڭ پاسسىپ ئىپادىسى دېدى

2014.04.24 10:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەۋەرگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شېنزو 21-ئاپرېل «كابېنت باش ۋەزىرى» نامى بىلەن ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر بۇيۇمى بەرگەن. 21-ئاپرېلدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ مۇنداق دېدى: ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان، ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتىسىيەسى-ياپونىيەنىڭ ياپونىيە مىلىتارىزىمىنىڭ سىرتقا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراش-قارىيالماسلىق ۋە قايتا ئويلىنىش-ئويلانماسلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ياپونىيە رەھبەرلىرى ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر بۇيۇمى بەردى، ياپونىيە كابىنېتىنىڭ بەزى ئەزالىرى ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى، بۇ-ياپونىيە كابىنېتىنىڭ تارىخقا مۇئامىلە قىلىشتىكى خاتا ئىپادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ياسۇكونى ئىبادەتخانىسى مەسىلىسى-ياپونىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئامىل شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ پاسسىپ ئىپادىسى، ئەگەر ياپونىيە رەھبەرلىرى بۇ پاسسىپ ئىپادىسىنى جاھىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، ئۇنداقتا بۇ پاسسىپ ئىپادە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر