باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ

2014.04.24 11:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 20-قېتىملىق ئالىي ئەمەلدارلىرى كېڭىشىشى ۋە 7-قېتىملىق «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالىي ئەمەلدارلار يىغىنى ئۈلۈشكۈن ۋە تۈنۈگۈن تايلاندنىڭ پاتتايا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپمۇ دېڭىز ئۈستىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قاناتيايدۇرۇش جەھەتتە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ئامىلنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئىككى تەرەپ زىچ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىنى ئېچىپ، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زىيىنىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.

  ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، 2020-يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر