باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇش ئەۋجگە چىقتى

2014.04.24 11:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ 16 – ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۈچ ئوبلاستتا نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى تەدبىر قوللانغان بولسىمۇ، تەدبىر ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمەي، ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئارمىيەنى ئىشقا سېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، تېخى ھەرىكەت باشلىمىغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن، رۇسىيەدىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپ قان تۆكۈلۈشتىن ئەنسىرەپ، قورال ئىشلىتىشتە بىر قارارغا كېلەلمىدى. شۇڭا مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق چارە بولۇپ قالدى.

  ۋەزىيەت ناچارلىشىۋاتىدۇ

  6 – ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۈچ ئوبلاستتىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىناسى ۋە ئوبلاستلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىناسىنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئۇكرائىنا ئالاھىدە قىسىمى 8 – ئاپرېل خاركوف ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىناسىنى قايتۇرىۋالغان بولسىمۇ، قالغان بىنالارنى تېخى قايتۇرۇۋالالمىدى. ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر مەركىزىي شەھەردىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىشغال قىلىشتىن ئەتراپتىكى كىچىك شەھەرلەرگە كېڭەيدى. دونېتسك ئوبلاستىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك مەلۇم بىر شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالدى. ئىشغالىيەتچىلەر توختىماي پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىنى تارتىۋېلىپ، شەھەر باشلىقى سايلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر شەرقتىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر يانۇكوۋىچ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان چاغدىكى غەربتىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر قوللانغان يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىشغال قىلىش، قورغان قۇرۇپ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، قوغدىنىش قىسىمى قۇرۇپ كوچىلارنى ئىشغال قىلىش، ھۆكۈمەتكە سىياسىي تەلەپ قويۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى قايتىلاۋاتىدۇ.

  شەرقتىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ھازىرقى تەلىپى ئۇكرائىنادا فېدېراتسىيە تۈزۈمى يولغا قويۇشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇپ، يەرلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈپ، رۇس تىلىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بەزىلەر مۇستەقىل بولۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلۇشنىمۇ تەلەپ قىلغان، يەنە بەزىلەر خاركوف ۋە دونېتسك ئوبلاستىدا «جۇمھۇرىيەت» قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان، لېكىن بۇلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس ئىكەن. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاچچىقى» كەلدى

  ھازىر ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شەرقىي رايوندىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ، بىر يۈرۈش قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى شەرقتىكى بۆلگۈنچىلەردە قورال بار، دېگەننى باھانە قىلىپ، 8 – ئاپرېلدىن باشلاپ شەرقىي رايوندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇكرائىنا پارلامېنتى 8 – ئاپرېل جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاپ، دۆلەتنى پارچىلاش قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇكرائىنادا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مۇداپىئە كومىتېتى 13 – ئاپرېل تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاشنى قارار قىلدى. مەسىلىنى قورال بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، سابىق زۇڭلى تېمۇشىنكو بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئۇنىڭ نەزەرىدە قورال ئىشلەتسە قان تۆكۈلىدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت رۇسىيەنىڭ «تاجاۋۇز» قىلىشىغا سەۋەب بولىدىكەن. ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ياتسېنيۇك 11 – ئاپرېل دونېتسكنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: مەسىلىنى پەقەت تىنچ يول بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  قورال ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچانلىق مۇھىم

  ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلتىماتوم ۋاقتى توشقاندا، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر قورال تاپشۇرۇپ، ئىشغال قىلغان ئورنىدىن چېكىنىپ چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە بىر قانچە كىچىك شەھەرنى ئىشغال قىلدى. ئۇلار مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغاندەك قىلاتتى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى يا ئەسكەر چىقىرىشنى، يا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيۋاتىدۇ. ئەسكەر چىقىراي دېسە، خەتەر ۋە بەدەلنىڭ چوڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، سۆھبەت ئۆتكۈزەي دېسە، تەن بەرگۈسى كەلمەيۋاتىدۇ.

  ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەر چىقىرالماسلىقىدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، ۋەقە يۈز بەرگەن دائىرە كەڭ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قولىدىمۇ قورال بار، ئەگەر كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۆلۈم – يېتىم ئېغىر بولغاندىن سىرت، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، شەرقتىكى ئۈچ ئوبلاست رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ. ۋەقەنى تىنجىتىش جەريانىدا، شەرقىي رايوندىكى رۇسلار ئېغىر چىقىم تارتسا، رۇسىيە ئارمىيەسى رۇسلارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، چېگرا ئاتلاپ كىرىشى مۇمكىن. بۇ دەل ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئەنسىرەۋاتقان ئەھۋالدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر