باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەنىڭ بىر يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى

2014.04.24 11:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن 462 يولۇچى ئولتۇرغان «يىللار» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى كورېيەنىڭ غەربىي جەنۇبى دېڭىز دائىرىسىدە چۆكۈپ كەتتى. 17 – ئاپرېل سائەت 19 غىچە بۇ ۋەقەدە توققۇز ئادەم قازا قىلدى، 179 ئادەم قۇتقۇزىۋېلىندى، 274 ئادەمنىڭ ئىز ـ دېرىكى بولمىدى.

  قۇتقۇزۇۋېلىنغان بىرەيلەن مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا رادىيودىن جايىڭلاردىن قوزغالماڭلار، دېگەن بۇيرۇق كەلدى. لېكىن پاراخوتقا سۇ كىرىۋەرگەچكە، قېچىشتىن باشقا ئامالىمىز بولمىدى. ئەگەر ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان جىددىي تەدبىر قوللانغان بولسا، بۇنچە ئېغىر ئاقىۋەت يۈز بەرمىگەن بولاتتى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنى جايىمىزدىن قوزغالماسلىققا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى بىلمىدۇق.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كورېيە دېڭىز ئارمىيەسى «تىيۇلىن» غەۋۋاس ئەترىتىنى ئىز ـ دېرىكى بولمىغان يولۇچىلارنى سۇغا چۈشۈپ ئىزدەشكە ئەۋەتتى. لېكىن شۇ كۈنى كەچكىچە ئۇلارنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىغان بىرمۇ يولۇچىنى قۇتقۇزغانلىق خەۋىرى بولمىدى. كورېيە ساقچىلىرى مۇنداق دېدى: سۇ ئاستىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولمىغاچقا، ئىزدەش خىزمىتى شۇ كۈنى كەچتە ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، 17 – ئاپرېل سەھەردە داۋاملاشتۇرۇلدى.

  كەسپىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى مۇنداق دېدى: سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەر بىر قانچە سائەتتىلا قۇتقۇزۇلمىسا، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.

  جۇڭگونىڭ كورېيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ يولۇچىلار پاراخوتىدا ئىككى جۇڭگولۇق پۇقرا بار ئىكەن.

  ھازىر كورېيە پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ، ساقچىلار پاراخوتنىڭ توققۇز خادىمىنىمۇ تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.

  يولۇچىلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، «يىللار» ناملىق پاراخوت شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:58 دە جىندو ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز دائىرىسىگە كەلگەندە، پاراخوتتىن كۈچلۈك بىر ئاۋاز ئاڭلانغان (بۇ بەلكىم پاراخوتنىڭ قىيا تاشقا ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز بولۇشى مۇمكىن). ئىككى مىنۇتتىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار قۇتقۇزۇش سىگنالى تاپشۇرىۋالغان ھەمدە نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش پاراخوتى بىلەن ئايروپىلان ئەۋەتكەن.

  نۇرغۇن مېدىيالارنىڭ تارقاتقان سۈرىتىگە قارىغاندا، «يىللار» ناملىق پاراخوت ئاۋۋال قىيسىيىپ، ئاندىن چۆكۈپ كەتكەن.

  نەق مەيدانغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ بارغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تارتىۋالغان سۈرىتىدىن قارىغاندا، پاراخوت قىيسايغاندا، ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن يولۇچىلار قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىپ، قۇتۇلدۇرۇش كاتېرىغا چىقىشقا باشلىغان. يەنە بەزىلەر پاراخوتتا تۇرالماي دېڭىزغا سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن.

  بىر قۇتقۇزۇش خادىمى پاراخوتقا قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن، دېدى. كورېيە مېدىيالىرى مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندە ھاۋا ياخشى بولۇپ، سۇ يۈزى تېمپېراتۇرىسى 12.6 سېلسىيە گىرادۇس ئىكەن، لېكىن كەچ كىرىشكە ئەگىشىپ سۇ سوۋۇغان.

  كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخوي شۇ كۈنى سېئۇلدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا مۇنداق دېدى: شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى. بۇ بىر پاجىئە. بىز قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەيمىز .

  كورېيە دېڭىز ئارمىيەسى نەق مەيدانغا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، ساقچى، دېڭىز ساقچىلىرى، 16 تىك ئۇچار ئايروپىلان، 24 پاراخوت ۋە 82 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن 114 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتى ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا پۇقراۋى ۋە سودا پاراخوتلىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىمۇ قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىر پاراخوت ئاجراتتى.

  فىرانسىيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇتۇلۇپ قالغان كۆپ قىسىم يولۇچىلارنى سودا پاراخوتلىرى بىلەن بېلىقچىلىق پاراخوتلىرى قۇتقۇزۇپ قالغان. دېڭىز ساقچىلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ھادىسىگە ئۇچرىغان پاراخوت ئاساسەن چۆكۈپ كېتىپ بولغان.

  كورېيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مەسئۇل بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: كورېيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تىيۇلىن» غەۋۋاس ئەترىتى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە 178 غەۋۋاس ئاجراتتى. لېكىن دېڭىز رايونىنىڭ شارائىتى ناچار، سۇدا قۇم – لاتقىلار كۆپ، كۆرۈنۈش دەرىجىسى 20 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكيان ئېقىمى كۈچلۈك بولغاچقا، قۇتقۇزۇش خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچرىدى.

  كورېيە تەرەپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېخى ئېنىقلاپ بولالمىدى. بەزىلەر 15 – ئاپرېل ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا تۇمان كۆرۈلگەچكە، پاراخوت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن كاشىلا چىققان، دېدى. يەنە بەزىلەر تۇماننىڭ قانچىلىك قويۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يول يۈرۈشكە يەنىلا كاشىلا قىلالمايدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر