باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە ياپونىيە سىياسىئونلىرىنىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا نەزىرلىك بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

2014.04.24 11:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جو تەييوڭ 22-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ياپونىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى كوللېكتىپ تاۋاپ قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ: بۇ كىشىنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدۇ دېدى.

  كورىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە يېڭى دۆلەت پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى خام جىنگۈي شۇ كۈنى بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرىنىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر چىراغ بۇيۇمى بېرىشى، ياپونىيەدىكى سىياسىيونلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئىنتايىن ھۆرمەتسىزلىك شۇنداقلا تارىخىي ئېقىمغا زىت ئىش.

  كورىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارى كىم يوڭجىن مۇنداق دېدى: بۇ ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ھەققانىيلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر