باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاك گونھى جۇڭگونى چاۋشيەننى يادرو سىنىقى ئىلىپ بارماسلىققا نەسىھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى

2014.04.24 11:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كورېيە رەھبەرلىرى يېقىندا تېلىفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. پاك گونھى جۇڭگونى چاۋشيەننى يادرو سىنىقى ئىلىپ بارماسلىققا نەسىھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە كورېيە زۇڭتۇڭى پانگونھى بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو كورېيە مۇناسىۋىتى، كورېيەنىڭ «يىللار»ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەشتى. كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، پاك گونھىنىڭ جۇڭگونى چاۋشيەننى يادرو سىنىقى ئىلىپ بارماسلىققا نەسىھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىكەن. كورېيە بىرلەشمە ئاگنتىلىقى 23-ئاپرېل كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كورېيە ئامېرىكا ئاخبارات دائىرلىرى تەھلىل قىلىپ، چاۋشيەن ھەر قاچان 4-قېتىملىق يادرو سېنىقى ئېلىپ بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ قويدى، ھازىر چاۋشيەندە كۆرۈۋالىۋاتقان تۈرلۈك ئالامەتلەر ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا چاۋشيەننىڭ 3-قېتىم يادرو سىنىقى قىلغان ۋاقت بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ جىددىيىلىشىۋاتقان يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۋېتىدۇ. بىراق ئامېرىكا جۇن خوپكىنىس ئۇنىۋېرستېتى تۈنۈگۈن سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چاۋشيەن ئوباما ئاسىيادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماسلىقى مۇمكىن. پۇڭگېلى يادرو سىناق مەيدانىدا بىر قىسىم يېڭى ئەھۋاللار بار، ئەمما دەرھال يادرو سىنىقى ئىلىپ بېرىش ئالامەتلىرى يوق.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن كورېيە رەھبەرلىرى تۈنۈگۈن نۆۋەتتىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادرۇسىزلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ، مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسلىسىدە داۋاملىق ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پاك گونھى مۇنداق دېدى: كورېيە جۇڭگونىڭ ئىجابى تىرىشچانلىقىغا ئاپرېن ئېيتىدۇ ھەمدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ. كورېيە بىرلەشمە ئاگنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: پانگونھى يەنە چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان بولسا، رايون ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شەرقىي شىمالى ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، دېدى. كورېيە جۇڭگونىڭ داۋاملىق چاشيەنگە ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە كورېيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئىشىنىش مۇساپىسى، چاۋشيەن كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرماسلىققا نەسىھەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ زىيارىتىنى باشلىدى، ئەتە كورېيەگە زىيارەتكە بارىدۇ. كورېيە «مەدەنىيەت گېزىتى»دە جۇڭگو كورېيە باشلىقلىرىنىڭ سۆزلىشىشى ھەققىدە تۈنۈگۈن مۇنداق دېيىلدى: پاكگونھى ئوباما كورېيەدە زىيارەتتە بۇلۇشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن شى جىنپىڭ بىلەن تېلفونلاشتى، بۇ بىر قىسىم ئەربابلار تەرىپىدىن پاكگونھى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ئارىسىدا «دىپلوماتىيەسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى» دەپ چۈشەندۈرۈلدى. بىراق تېخىمۇ كۆپ چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: چاۋشيەننىڭ يېقىندا ھەرىكىتى كۆپىيىپ قالدى، جۇڭگو ھەم بىردىنبىر چاۋشيەنگە ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەت، بۇ ۋاقىتتا كورېيە جۇڭگونى ئىزدەپ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسلىسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقچى. ياپونىيە «يۇمۇرى خەۋەرلىرى»دە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگوغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئوباما زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى باشلىقلار سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈپ «جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ھەمكارلىشىش»نى نامايەن قىلدى، ئوبامانى توسۇش نىشانغا يەتتى، دېيىشكە بولىدۇ. ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى»دە تۈنۈگۈن مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر چاۋشيەن راستىنلا ئوباما زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە يادرو سىنقى ئېلىپ بارىدىغان بولسا، رايون ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ بۇ ۋاقىتتا ھەمكارلىشىشى ئۇنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كورېيە جامائەتچىلىكى «چاۋشيەن 4-قېتىم يادرۇ سىنىقى ئېلىپ بارىدۇ، دېگەندەك جىددى كەيپىياتنى داۋاملىق شەكىللەندۈردى. YTN تېلېۋزىيە ئىستانسسى مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، 25-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان كورېيە ئامېرىكا باشلىقلار سۆھبىتىدە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى ئىككى تەرەپ مۇزاكىرە قىلىدىغان مۇھىم تىمىغا ئايلىنىدىكەن. چاۋشيەن ئېلىپ بارىدىغان 4-قېتىملىق يادرۇ سىنقىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئويلاشقاندا بۇ قېتىم كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مەزمۇنى ئادەتتىكى بىلەن ئوخشىمايدۇ، تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە جىددى بولۇشى مۇمكىن.

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 23-ئاپرېل خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش» بايانىغا قارىتا، كورىيە ھەربىي تەرەپ مۇنداق دەپ ھېسابلايدۇ: چاۋشيەننىڭ ئاتالمىش «يېڭىچە يادرو سىنىقى» يۇقۇرى قويۇقلۇقتىكى ئوراننى ئىلگىرى ئىشلەتكەن پلۇتونىينىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ياكى پارچىلىنىش بومبىسى سىنىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «دۇنيا گېزىتى» 23-ئاپرېل ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ كىچىك تىپتىكى ئاتوم بومبىسى تېخىنىكىسى نۆۋەتتە 500 كىلوگىراملىق ئوق بېشى ياساش سەۋىيىسىگە يەتكەن. چاۋشيەننىڭ كىچىك تىپتىكى يادرو ئوق بېشى ياساش تېخنىكىسى ھىندىستانغا يەتمەيدىكەن. ئەمەلىي ئۇرۇشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇڭا چاۋشيەن يادرو ئوق بېشىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تەجرىبە قىلىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ ئاقىللار ئامبىرى مۇنداق دېدى: سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ يېقىنقى مەزگىلدە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. رېتىر ئاگېنتلىقى 23-ئاپرېل ئەكسىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكىدىكى جۇن خوپكىنىس ئونىۋېرسىتىتىغا قاراشلىق چاۋشيەننىڭ ھەرىكىتىنى كۈزىتىدىغان تور بېكىتى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ پېڭگېلى يادرو سىنىقى بازىسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەرىكىتى كۆپ بولمىدى، ئاپتوموبىل، ئادەم ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ ھەرىكىتى چاۋشيەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇنقى نەچچە ھەپتە ئاۋالقىدەك كۈچلۈك دەرىجىگە يەتمىدى. ئۇلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: پېڭگېلى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش بازىسىنىڭ ھەرىكىتى پەسىل خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە باھار پەسلىدە كۆپرەك بولىدۇ. ئەمما ئۇلار يەنە ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئىشلەتكەن سودا سۈنئىي ھەمراسى تارتقان سۈرەتلەر پېڭگېلى رايونىدىن ئىبارەت بۇ يۇقۇرى دەرىجىدىكى مەخپىي يادرو سىنىقى بازىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق ئەكىس ئەتۈرۈپ بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

  چاۋشىيەن يادرو سىنىقى توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەرگە ئىنكاس قايتۇرمىدى ھەمدە كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى. چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى تۈنۈگۈن پانگونھىغا ئاشكارا سۇراق خېتى يېزىپ، چاۋشىيەن كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى پۈتۈنلەي پاكگونھىنىڭ پوزتسىيەگە باغلىق دېدى. ئاشكارا سۇراق خېتىدە پاكگونھىغا 10 مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كورېيە چاۋشىيەن بىلەن تىنچ بىرلىككە كىلەمدۇ ياكى ئۇرۇش قىلامدۇ؟ پانگونھى 8~9ئايدا ئېلىپ بارىدىغان ئەركىن قوغدىنىش ھەربىي مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشنى توختۇتۇشنى خالامدۇ-يوق دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇراق خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ناھايىتى بۇرۇنلا چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئامېرىكا بىلەن كورېيە ئاڭلاپ قويۇپلا پەرۋا قىلمىدى ھەمدە كورېيەگە مىڭدىن ئارتۇق يادرو قۇرالى يۆتكەپ، كورېيەنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرۇ قۇرالى ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىدىغان يادرو ئۇرۇشى مانۋېرىنى شىددەت بىلەن يولغا قويدى. پانگونھى تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئامېرىكىنىڭ يادرو قۇرالى دېگەن سۆزنى تىلغا ئالماي، ئەكىسچە چاۋشيەن مۇداپىئەلىنىش مەقسەت قىلىنغان يادرونى تېزگىنللەش كۈچىدىن پايدىلانماقتا، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر