باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى تارقىلىپ كېتەرمۇ؟

2014.04.24 11:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆرمەتلىك دوستلار، پەلەستىن ئەمەلدارى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى 26-ئاپرېل ئۆتكۈزۈدىغان مەركىزى كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىنكى پەلەستىن دائىرىلىرى قوللىنىشى مۇمكىن بولغان تەدبىرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، بۇ پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىش ياكى تارقىتىۋەتمەسلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى 1993-يىلى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوسلۇ كېلىشىمىنى ئىمزالاپ ئىككىنچى يىلى قۇرۇلغان بىر ئۆتكۈنچى خاراكتىرلىك ھوقۇقلۇق ئورگان، ئاساسلىقى پەلەستىن كونتوروللىقىدىكى رايونلارنىڭ خەلق ئىشلىرى، بىخەتەرلىكى جەھەتلەردىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدە بىشارەت بېرىش پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولىۋاتقان ئەھۋالدا، پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىپ ئىشلىتىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى كوزۇرى»، بۇ ئورگاننىڭ تارقىتىۋېتىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك.

  پەلەستىندىكى سىياسىي تەھلىلچى ئەخمەد ئاۋاد مۇنداق دېدى: پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىش جەمئىيەت، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك جەھەتلەردە بوشلۇق پەيدا قىلىپ، پەلەستىنگە ئاپەت خاراكتىرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  بىرىنچىدىن، سىياسىي قاتلامدىن قارىغاندا، ناۋادا پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى تارقىتىۋىتىلسە، 1993-يىلى باشلانغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسى ئەسلىگە قايتىپ كېتىدۇ-دە، ئارافات، ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى يوققا چىقىرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللاش تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىش پەلەستىندىكى 170 مىڭ مەمۇر ۋە بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ خىزمەت ۋە مۇئاشىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىش، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرقىي قىرغىقىدىدا ھوقۇق بوشلۇقى پەيدا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر باستۇرۇلىۋاتقان كۈچ پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)، ئىسلام غازاد تەشكىلاتى (جېھاد) قاتارلىق گۇرۇھلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، بۇ بوشلۇقنى تېزدىن تولدۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە زوراۋانلىق بىلەن زوراۋانلىقنى توسۇشتەك كونا يولغا قايتىپ كېتىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە بۇ پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىمىز دەپ بىشارەت بېرىشى ئەمەس. 20 يىلدىن بۇيان، ئارافات بىلەن ئابباس نۇرغۇن قېتىم مۇشۇنداق بىشارەت بەرگەن، شۇڭا ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ، پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى بىنىت بۇنىڭغا جاۋابەن: تارقىتىۋېتىۋەتسەڭلا ھىچكىم سىلەرنى توسمىدىغۇ دېدى. ئەمما ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى كەينى كەينىدىن پەرەز قىلىپ: پەلەستىن بۇ قەدەمنى باسقان ھامان، ئىسرائىلىيەگە قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ دېيىشتى.

  ئالدى بىلەن، ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى داۋالاش سەھىيە، مائارىپ، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇندىن كېيىن ئېغىر مالىيە يۈكى زىممىسىگە ئارتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى تارقىتىۋېتىلگەن ھامان، ھازىرقى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمۇ ئاياغلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرقىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلالماسلىقتەك ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

  يەنە بىر جەھەتتىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تالاش تارتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماستىن، رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەر ۋە ئەرەب ئەللىرى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ پەلەستىننىڭ مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىشىگە قوشۇلۇش قوشۇلماسلىقىمۇ بىر مەسىلە.

  ئۆتكەن يىلى ئىيۇلنىڭ ئاخىرى باشلانغان پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ۋاقتى ئاپرېلنىڭ ئاخىرى توشىدۇ، ھازىر ئىككى تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش كېرەكمۇ يوق دېگەندەك ھالقىلىق مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. ئىسرائىلىيە ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز قەرەلىدە قويۇپ بەرمىگەنلىكتىن، پەلەستىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە نۇرغۇن خەلقئارا ئەددىنامىلەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، سۆھبەتنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى مۇمكىن بولمايدىغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ماسلاشتۇرغۇچى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي ئۇكرائىنا، سۇرىيە قاتالىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولماقتا. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پەلەستىننىڭ مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىمىز دەپ قورقاق سېلىشتىكى مەقسىتى ئامېرىكنى ئاگاھلاندۇرۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ھەمدە ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.

  ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پەلەستىننىڭ مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىشى سىياسىي جەھەتتە ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋالغاندەكلا ئىش، ئۇ ئالدىراپ بۇنداق قىلمايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاخىرى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇل، ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى نىتانىياخۇغا ئۆزى رەت قىلغان شەرتنى قوبۇل قىلغۇزۇشقا مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  پەلەستىنلىك تەھلىلچى ئىبراھىم ئابدۇللا مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ بىشارەت سىرتقا: پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە قارىتا سەرۋى تاقىتىنىڭ توشقانلىقى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە تۆت تەرەپ كومىتېتىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، تىنچلىق مۇساپىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىغا تۈرتكە بولماقچى ئىكەنلىكىدەك ئۇچۇرنى بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر