باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىندىكى نەچچە يۈز ئامما ئوبامانىڭ فىلىپپىندىكى زىيارىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى

2014.04.24 11:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىندىكى نەچچە يۈز سول قانات زات 23-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئامېرىكا پىرېزدېنتى ئوبامانىڭ ئاسىيادىكى سەپىرىدە فىلىپپىندا زىيارەتتە بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى. فىلىپپىن ساقچىلىرى تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن تولۇق قوراللىنىپ، قالقان ۋە سۇ تاپانچىسىنى ئېلىپ، ئېتىرازچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوباما ياپونىيە، كورىيە، مالايسىيادىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، 28-ئاپرېل فىلىپپىنغا يېتىپ بارىدىكەن. بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا: ئوبامانىڭ ئاسىياغا قىلىدىغان سەپىرى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئاسىيانى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر